Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大迁徒运动
دائىرە: دۇنيا تارىخىكەڭ كۆلەملىك كۆچۈش ھەرىكىتى
بۇرلارنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا (ئارانىيە) يېرىنى بېسىۋېلىش ھەرىكىتى. شۇنداقلا بۇرلارنىڭ كاپې مۇستەملىكىسىدىن كۆچۈپ كېتىش ھەرىكىتى. كۆچۈش دېگەن سۆز ئافرىقا تىلىدىكى Trek دېگەن سۆزنىڭ مەنە تەرجىمىسى بولۇپ، كالا ھارۋىسى بىلەن ساياھەت قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئەنگلىيە كاپې مۇستەملىكىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن بۇرلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈنساناپ كەسكىنلەشكەن. 1834 - يىلىدىن باشلاپ، بۇرلار كۆپلەپ كۆچۈپ كەتكەن. 1835 - 1845 - يىللاردا كۆچۈپ كەتكەنلەر 14 مىڭغا يەتكەن. بۇ بۇرلار ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان. بۇرلار ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئېقىپ بېرىپ، كۇسالار ۋە زۇلۇلارنى قىرغان ۋە قوغلىۋەتكەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېرىنى بېسىۋالغان. ئۇلار ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ، ناتال جۇمھۇرىيتى، ئورانگې ئەركىن شتاتى ۋە ترانسۋال جۇمھۇرىيىتى قۇرغان بولسىمۇ كېيىن ئەنگلىيە تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.