Uyghurئاساسىي لۇغەت
دانېۋىركې
دۇنيا تارىخى
دانىيچە Danevirke نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى مەنىسى: <دانىيىىكىلەرنىڭ مۇداپىئە قۇرۇلۇشى> دېگەنلىك بولۇپ، دانىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىغا ياسالغان. 1864-يىلغىچە بولغان مۇداپىئە قورغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئارخېئولوگىك قېزىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇشلار باسقۇچلارغا بۆلۈنۈپ ياسالغان بولۇپ، قىسمەن يەردىكى قورغانلارنىڭ ياسالغان يىللىرىنى بېكىتىشكە بولغان. بۇنى ئۈچ قىسمىغا بۆلۈشكە بولىدۇ: (1) شىمالىي قورغان، ئاساسىي قورغان ۋە شەرقىي قورغان؛ (2) كوۋىركې قورغىنى؛ (3) يېرىم ياي شەكىللىك قورغان. ئالدىنقى قورغان ۋە تۇتاش قورغان (قوش قورغان ۋە يا شەكىللىك قورغاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). يېڭىچە ياغاچ ماتېرىياللىرى يىل ئىلمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، شىمالىي قورغان ۋە ئاساسىي قورغاننىڭ بىرىنچى قىسمى مىلادى 737-يىلى ياسالغان، قوش قورغاننى ئەڭ بۇرۇنقى بىر بۆلىكى مىلادى 968-يىلى ياسالغان. ئەدەبىي ئەسەرلەردە مەزكۇر مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى پادىشاھ گوۋورىد 808-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ ياساتقان دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە ئىسپاتلانمىغان.