Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
丹纳
دۇنيا تارىخى
دانا
(1) جامېس دۋىگت دانا (1813 - 1895) ئامېرىكىلىق گېئولوگ. مىنېرالوگ. نيۇ - يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1833 - يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1937-يىلى <مىنېرالوگىيە سىستېمىسى> نى نەشر قىلدۇرۇپ، مىنېرال تۈرلىرىنى خىمىيىلىك تەركىبىگە قاراپ بېكىتىپ چىققان. 1838 - 1842 - يىللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا يرۈش قىلىش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، مارجفن ئاراللىرىدىكى ھايۋاناتلار ۋە گېئولوگىي ھەققىدە كۆرۈنلەرلىك دۆكلات يېزىپ چىققان. 1850 - 1892 - يىللىرى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. <ئامېرىكا ئىلىم - پەن ژۇرنىلى> دا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ھەمدە مەزكۇر ژۇرنالدا 49 يىل تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. دانا كرىستال يۈزى بەلگىسى قانۇنىنى ئىجاد قىلغان. <گېئولوگىيە قوللانمىسى>، <مارجان خادا تاشلىرى ۋە مارجان ئاراللىرى>، <يانار تاغلارنىڭ ئالاھىدىلىكى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئىدۋارد سالىسبورى دانا (1849 - 1935) ئامېرىكىنىڭ مىنېرالوگىيە ۋە فىزىكا ئالىمى. جامېس دۋىگت دانانىڭ ئوغلى. كوننېكتىكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. يېل ئۇنىۋېرسىتېتى مىنېرالوگىيە ۋە فىزىكا پروفېسسورى، قوشۇمچە مىنېرال يىغىپ ساقلاش مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. مىنېرالوگىيە ئىلمىنى تەسۋىرلەش ۋە مىنېراللارنى تۈرگە ئايرىش جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان. <مىنېرالوگىيە دەرسلىكى>، <مىنېراللار ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.