Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دانىلو
دائىرە: دۇنيا تارىخى达尼洛一世
dá ní luò yí shì
(تەخمىنەن 1670 - 3717) مونتېنېگرونىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن ھۆكۈمرانى. نېگوشتا تۇغۇلغان. 1696-يىلى ھۆكۈمران بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە ھاكىمىيەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى تۇراقلاشتۇرغان. 1702-يىلى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار (<مونتېنېگرو كەچلىك ئىبادىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى تازىلىغان. 1715 - يىلى روسىيىنى زىيارەت قىلىپ، چار پادىشاھ پېتر Ⅰ نىڭ مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيىلىكلەر ئۈستىدىن كۆپ قېتىم غەلىبە قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.