Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大逆事件
دۇنيا تارىخى
ئاسىيلىق ۋەقەسى
كوتوكۇ ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە مېيجى ھۆكۈمىتى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان ۋەقە. قىزىل بايراق ۋەقەسىدىن كېيىن تەختكە چىققان كاتسوراتارو ئىچكى كابىنېتى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرگەن، 1910-يىل 5-ئايدىن باشلاپ، سىياشتا تاكىچى قاتارلىق كىشىلەر تېننونى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى دېگەننى باھانە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىر نەچچە يۈز نەپەر سوتسىيالىزمچىنى قولغائالغان ھەمدە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 73-ماددىسىدىكى <ئىنتايىن چوڭ گۇناھ> دېگەن بىر نېمىگە ئاساسلىنىپ گوتوكۇ شۇسۇي قاتارلىق 26 كىشىنى ئەيىبلىگەن. ئىككىنچى يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 24 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى (ئۇنىڭ ئىچىدە 12 كىشىگە بېرىلگەن جازا ئىككىنچى كۈنى مۇددەتسىز قاماق جازاسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن)، ئىككى كىشىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن(ئىككى كىشىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 25-كۈنلىرى كوتاكۇ، مىياشتا قاتارلىق كىشىلەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قىزىل بايراق ۋەقەسى ۋە ئاسىيلىق ۋەقەسىدىن كېيىن مىلىتارىزم كۈچلىرى بەك كۆرەڭلەپ كەتكەن، سوتسىيالىزم ھەرىكىتى پەسىيىپ قالغان.