Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
当归
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كىرەش
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كىرەشكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 - 1 مېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى سېمىز گۆشلۈك، تۆۋەن قىسمى شاخلىنىدۇ. قوۋزىقى خورما رەڭلىك، غولى تىك، رەڭگى سۆسۈن كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان تاق سانلىق پەيسىمان يېرىلغان، كىچىك ياپراقلىرىنىڭ گىرۋەكلىرى كەمتۈك بولىدۇ، يوپۇرماق سېپىنىڭ تۈۋى كېڭىيىپ، غىلاپ شەكلىدە غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى ئاق، جۈپ ئاسماق مېۋىسى سوقىچاقراق، بەش تال قىرى بولۇپ، يان قىرلىرى تەرەققىي قىلپ كەڭ قاناتقا ئايلانغان بولىدۇ
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كەچكۈزدە قېزىۋېلىپ، تازىلاپ، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سايە جايدا قويۇپ چالا قۇرۇتۇپ، ئاندىن سۇس ئوتقا قوۋزىقى خوما رەڭگە كىرگىچە قاقلاپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا قۇرۇق پېتى ياكى نەملەپ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى ھۆل - يېغىنى كۆپ، تۇپرىقى مۇنبەت تاغلىق ۋە ئېگىزلىكلەردە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، ئۈچەينى نەملەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام كىرەشنى سەككىز گرام ئاق چۇغلۇق، 12 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
12 گرام كىرەشكە سەككىز گرام ئاق چۇغلۇق، 12 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا، 10 گرام تاغ دېنى قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام كىرەشنى سەككىز گرام ئاق چۇغلۇق، 12 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا، 15 گرام ياڭاق مېغىزى، سەككىز گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز توختاپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كىرەش ۋە تاغ دېنىنىڭ ھەربىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام كىرەشنى تەڭ مىقداردىكى تاغ دېنى، 20 گرام خام زەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
100 گرام كىرەشنى 90 گرام كەتىرا، 200 گرام ئاق چۇغلۇق، 65 گرام توشقانزەدىكى، 35 گرام بۇغا مۈڭگۈز قالدۇقى، 65 گرام ئىشلەنگەن چۈچۈكبۇيا بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قان كۆپەيتىپ، قان ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كىرەش ۋە خام زەنجىۋىلنى قوي گۆشى بىلەن شورپا قىلىپ، شورپىسىنى ئىچىپ، گۆشىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كىرەش، پىيزەك، شاپتۇل مېغىزى، زاراڭزا چېچىكى، ئاق قىچا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇرۇلۇش - سوقۇلۇشتىن بولغان جاراھەتلەر، كۆكرەك تېمىنىڭ زەخىملىنىشى، سانجىق تۇرۇپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كىرەشنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قورۇپ، ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۇغۇتتىن كېيىنكى چوڭ تەرەت قېتىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كىرەشنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەل ئاغرىش ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئورمانچىلىق
dāng guī
داڭگۇيDتېببىي
dāng guī
جۇڭگو داڭگۇنى كىرەش، ئېيىق بالدىرغىنىDتېببىي
dāng guī
كىرەش (كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كىرەشنىڭ يىلتىزى )Dئۆسۈملۈك
dāng guī
كىرەش، داڭگۈيDئۇنىۋېرسال
dāng guī
كىرەش
بىئولوگىيە
كىرەش
كۈنلۈكسىمان گۈللەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى چوڭ، غولى قىزغۇچ بىنەپشەرەڭ. تۈۋىدە ئۆسكەن يوپۇرمىقى بىلەن غولىنىڭ تۆۋەن قىسمىدا ئۆسكەن يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك، 2 - 3 قايتىلانغان ئۈچ قۇلاقلىق پەيسىمان تولۇق يېرىلغان بولىدۇ؛ ئەڭ ئاستىدىكى يېرىق يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك ياكى تۇخۇمسىمان تۆمۈنە شەكىللىك، ئۈچكە تېيىز يېرىلغان، گىرۋىكىدە ئۇچلۇق چىشى بار، يوپۇرماق تومۇرى ۋە گىرۋىكىدە ئاق ئىنچىكە تۈكى بار بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن، (يوپۇرماق) غىلىپى چوڭ بولىدۇ. گۈل رېتى كۈنلۈكسىمان، گۈلى كىچىك، ئاق، قۇش ئاسما مېۋىسى ئىللىپس شەكىللىك بولۇپ، ياندىكى قىرىدا قانىتى بار. قانىتىنىڭ گىرۋىكى ئاچ بىنەپشەرەڭ بولىدۇ، ئۇ جياڭشى، گەنسۇ، خۇبېي، سىچۇەن، يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ياۋايى تۈرى ئاز ئۇچرايدۇ. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، قان تولۇقلاش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى تەڭشەش، ئۈچەينى نەمدەش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشنى داۋالايدىغان ئاساسلىق دورا ھېسابلىنىدۇ.