Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大内夫得沙漠
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرچوڭ نافۇد قۇملۇقى
ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان چوڭ قۇملۇق، مەيدانى 57 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ غەربتىن شەرققە ئۇزۇنلۇقى 450 كىلومېتر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 250 كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇ مۇقىم بولمىغان ھەرىكەتچان قۇملۇق بولۇپ، شامال ھەرىكىتى بىلەن يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. بۇ قۇملۇق ئاساسەن ئاق ھەم قىزىل قۇم جىنسلىرىدىن تۈزۈلگەن. قىزىل قۇملۇق ئورۇنلاردا قىش، ئەتىياز پەسىللىرى يامغۇردىن كېيىن ئوت - چۆپ ئۆسىدۇ. بۇ جايدا چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. ئاق قۇملۇق جايلارنىڭ ھاۋاسى بەك قۇرغاق، ئىسسىق بولۇپ ئوت - چۆپ ئۆسمەيدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.