Uyghurئاساسىي لۇغەت
دانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇرۇق، دان:
يەمچۈك قۇشلارنىتۇتۇش ئۈچۈن تۇزاق ئەتراپىغا چېچىلغان دان.
يالغۇز، يەككە، يېگانە:
كۆرۈڭ ئىككى ۋەفالىق ئىشقىنىڭ دېھقاننىڭ ھالىن،
مۇھەببەت دانەسىن ئىككى كۆڭۈللەرگە تېرىشپدۇر.
قەلەندەر.
3. گەر يىغلىسە يەر يۈزىدىن قالمايىن ساھىب جەمال،
بارچەسىن گويا سەدەفدۇر، سەن ئارادە دانە سەن.
قەلەندەر.
4. دانەئى ھۇسنىن كۆرۈپ، ئەي ئەرشىئى ئاشۇفتە دىل،
ئىشىق دامىغە سېنىڭدەك مۇبتەلەبى تاپمادىم.
ئەرشى.
5. كۆزدىن دانە - دانە ياش ئاقىزىپ،
گۇھەر خىزمەت قىلىپ بىر - بىر تامىزىپ.
خىرقەتى.
6. ... بىر - بىرىگە قاۋۇشماي ئۆز ھالىغە كۈلۈپ، باشى كۆكسىگە تۈشۈپ، ئاغزى ھۇققەسىدىن دانەلەرى تۆكۈلۈپ، ...
نەۋايى.
گۈزەللەر يۈزىدىكى خال:
تامچە، تارام - تارام:
چىش:
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. دانە - دانە قىلىپ ئايرىغىلى بولىدىغان دان، ئۇرۇق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەربىر بۆلىكى.
تۇخۇمنىڭ دانىسى. قارىقاتنىڭ دانىسى. ئانارنىڭ دانىسى.
مىق. ساناق سانلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئاساسەن يۇمىلاق نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىگە بارغاندا، ئىشچى - خىزمەتچىلىرىمىزگە يەتتە دانە تېلېۋىزور ئالغاچ كەلدۇق.
ئى. بەزى ئايرىم - ئايرىم تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرى.
بۇ دورىنى كۆرسىتىلگەن مىقداردا يەپ بەرسە، بۇۋاسىرنىڭ دانىلىرىنى چۈشۈرىدۇ.