Uyghurئاساسىي لۇغەت
دانا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىلىمدان، ئەقىللىق، دانىشمەن:
تەغافۇلدىنمۇ يا دانالىغىدىنمۇ بىلەلمەنكىم،
ئالىپ ئۇيقۇنى مەندىن لەھزەئى بىدارەلىغ بىلمەس.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىلگۈچى، بىلگىر، ئالىم؛ ئۆتكۈر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن.
«ئالىم» ئىلمدا يۇقىرى بىلىم ھاسىل قىلغان، مەلۇم نەتىجە ياراتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«دانىش» ، «دانا» ، «ئاقىل» ، ئەقىللىق، زېرەك كىشىلەرگە قارىتىلغان.
«بىلمدان» بىلملىك، جىق بىلىم ئىگ
ئالىمنىڭ ئالدىدا ئاغزىڭنى ئاچما. ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك، ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشقىمۇ بىلىم كېرەك. دانانىڭ سۆزىگە كېپىلنىڭ كېرىكى يوق. دانالار سۆزى _ كۆڭۈلنىڭ كۆزى. ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز . بىلىمداننىڭ بىلىمى كېچىنى يۇرىتىدىغان چىراغ. ئۆز ئۆيىدە قارىغۇ چاشقانمۇ دانىشمەن. پازىل پەزىلىتى بىلەن ئەزىز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم، ئەدەب - ئەخلاق ساھەسىدە يېتىشكەن.
نادان، ئەخمەق، قاپاقباش
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم ساھەسىدە كەمتۈك، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان.
ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز. ئاقىل ئەل غېمىدە، نادان گال غېمىدە. ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك، ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك. دانالار سۆزى - ئەقىلنىڭ كۆزى. دانانىڭ قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىقنىڭ دەردىنى ساق. ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشمەننىڭ كۈندىشى كۆپ. ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى. ئەخمەق دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى.
دۇنيا تارىخى
(1) جامېس دۋىگت دانا (1813 - 1895) ئامېرىكىلىق گېئولوگ. مىنېرالوگ. نيۇ - يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1833 - يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1937-يىلى <مىنېرالوگىيە سىستېمىسى> نى نەشر قىلدۇرۇپ، مىنېرال تۈرلىرىنى خىمىيىلىك تەركىبىگە قاراپ بېكىتىپ چىققان. 1838 - 1842 - يىللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا يرۈش قىلىش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، مارجفن ئاراللىرىدىكى ھايۋاناتلار ۋە گېئولوگىي ھەققىدە كۆرۈنلەرلىك دۆكلات يېزىپ چىققان. 1850 - 1892 - يىللىرى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. <ئامېرىكا ئىلىم - پەن ژۇرنىلى> دا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ھەمدە مەزكۇر ژۇرنالدا 49 يىل تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. دانا كرىستال يۈزى بەلگىسى قانۇنىنى ئىجاد قىلغان. <گېئولوگىيە قوللانمىسى>، <مارجان خادا تاشلىرى ۋە مارجان ئاراللىرى>، <يانار تاغلارنىڭ ئالاھىدىلىكى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئىدۋارد سالىسبورى دانا (1849 - 1935) ئامېرىكىنىڭ مىنېرالوگىيە ۋە فىزىكا ئالىمى. جامېس دۋىگت دانانىڭ ئوغلى. كوننېكتىكۇت شتاتىدا تۇغۇلغان. يېل ئۇنىۋېرسىتېتى مىنېرالوگىيە ۋە فىزىكا پروفېسسورى، قوشۇمچە مىنېرال يىغىپ ساقلاش مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. مىنېرالوگىيە ئىلمىنى تەسۋىرلەش ۋە مىنېراللارنى تۈرگە ئايرىش جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان. <مىنېرالوگىيە دەرسلىكى>، <مىنېراللار ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئانار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يىراقنى كۆرەر، ئەتراپلىق ئويلايدىغان، دانىشمە، ئاقىل.
دانا ئەرباب. دانا ئۇستاز.
دانا كىشى ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلار (ماقال).
ئەقىل - ئىدراك بىلەن ئېيتىلغان، ئەقىل - پاراسەتتىن دالالەت بېرىدىغان، ئاقىلانە.
دانا تەدبىر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
بىلىملىك، ئەقىللىق، زىرەك.