Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大摩拉维亚公圆
دۇنيا تارىخى
چوڭ موراۋىيە كىنەزلىكى
مىلادى ⅩⅨ ئەسىرلەردە غەربىي سىلاۋايانلار قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى فېئودال دۆلەت. موراۋىيە مەركىزىي رايون قىلىنغان مۇجىمىر Ⅰ تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (تەخمىنەن 830 - 684) نىترا كىنەزلىكىنى قوشۇۋالغان. روستىلاۋ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (846 - 870) ۋىزانتىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، گېرمانىيە كورۇلى لۇئى گېرماننىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرغان. مىلادى 863-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ دىن تارقاتقۇچىلىرىدىن سرىل ۋە مېتودىئوسلارنى موراۋىيىگە پراۋوسلاۋىيە دىنىنى تارقىتىشقا تەكلىپ قىلىپ، گېرمانىيە چېركاۋىدىن مۇستەقىل بولغان. سلاۋىيە چېركاۋىنى قۇرغان. سۋىياتوبورك تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (870 - 894)، ئۇنىڭ يەر - زېمىنى ئەڭ كەڭ بولۇپ، موراۋىيە، چېخ (بوخىمىيە)، سلوۋاكىيە، پولشانىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگرىيىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 80-يىللاردىن باشلاپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 895-يىلى چېخىيە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن. ۋېنگرلار 906-يىلى چوڭ موراۋىيە بەگلىكىنى يوقاتقان.