Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
داموكلېس
دائىرە: دۇنيا تارىخى达摩克利斯
dá mó kè lì sī
(مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅳ ئەسىر) سىراكۇس (سىتسىلىيە ئارىلى) تىرانىنىڭ ئوردا ۋەزىرى. ئادەتتە، تىران دىئونىسىئۇس Ⅰ گە خۇشامەتچىلىك قىلىپ، تىراننىڭ ھوقۇق كۈچى ۋە مال - مۈلكى يېتەرلىك، تازا بەخت - تەلەيلىك دەپ ماختىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تران داموكلېسقا <پادىشاھنىڭ بەخت تەلىيى> نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تەختتە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپتۇ - دە، ئۇنىڭ بېشىغا بىر تال ئىنچىكە ئات بايلىغا باغلانغان بىر ئۆتكۈر قىلىچنى ئېسىپ قويۇپتۇ. دىئونىسىئۇس ئۇنىڭغا ھۆكۈمراننىڭ بەخت - تەلىيى بىلەن دائىم ئۆلۈم ئاپىتى بىللە بولىدۇ. دېگەننى بىلدۈرۈپتۇ. كېيىنكىلەر <داموكلېس قىلىچى> دېگەننى بىلدۈرۈپتۇ. كېيىنكىلەر <داموكلېس قىلىچى> دېگەننى <خەۋپلىك بەخت> كە ئوخشىتىدىكەن ياكى ئۇ ئارقىلىق <بەخت ئىچىگە ئاپەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى> دىن ۋە ياكى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغان خەۋپتىن بېشارەت بېرىدىكەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.