Uyghurئاساسىي لۇغەت
دام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. قاپقان، تۇزاق، سىرتماق، قىلتاق.
دامغا چۈشمەك.
2. ئالدام، ئادەم خالتا. توختى، ھوشيار بول، دۈشمەننىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
لاپ، پو، يوغان گەپ.
دام ئۇرماق.* يېغىنى يان باسىدۇ، ئوغرىنى دام ( ماقال ).* دام ئۇرغىلى يات يەر ياخشى ( ماقال ).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۇزاق، تور:
مىكىر، ھىيلە:
ئاشىق، مۇپتىلا.
1. كۆڭۈل ۋەھشىسىن ئول بىر زۇلف دامىغە ئەسىر ئەتكىل،
نە چاغ سەييادلارغە بىر كىيىك ئۆزرە تالاش ئولسۇن.
ئەرشى.
2. يۈزىدە داملار شەكلىن كۆرۈپ ئول،
قىلۇر جان قۇشلارىن تۇتماقغە چارە.
ئەرشى.
تۈرلۈك ھايۋانلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
سىرتماق، تۇزاق.
دۇنيا تارىخى
(1895 - 1976) دانىيىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىمىيە ئالىمى. 1920 - يىلى كوپېناھاگېن ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1940 - 1945 - يىلى ئامېرىكىلىق دويىسى (1893- ) بىلەن بىرلىكتە ۋىتامىن K1 نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ رولىنى سىناق قىلىپ ئېنىقلاپ چىققان، كېيىن 1943 - يىلى ئىككىسى بىرلىكتە نوبېل تىببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1946-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1956 - يىلدىن باشلاپ دانىيىنىڭ ماي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قاپقان، تۇزاق، قىلتاق، سىرتماق.
كۆككە باقسام، كۆكتە قالپاق، يەردە قاپقان - دام ئىدى، شۇ ياۋۇزلار قانچە مىڭ ئوغلانۇ قىزنى خام يېدى؟
كۆچمە. ئالدام، ئالدام خالتا.
ئادەم ئالدايدىغان نەيرەڭ پەقەت كىچىك بالىنىلا ئۆزدامىغا چۈشۈرەلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
لاپ، يوغان گەپ، چوڭ سۆز، پو.
يېغىنى يان باسىدۇ، ئوغرىنى دام باسىدۇ (ماقال).