Uyghurئاساسىي لۇغەت
داللاپىككوللا
دۇنيا تارىخى
(1904 - 1975) ئىتالىيىلىك مۇزىكانت، پىئانىست، مائارىپچى،پېسىنو (ئەينى چاغدا ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. ھازىر يۇگۇسلاۋىيىنىڭ پاجىدا دېگەن يېرى) دا تۇغۇلغان. قەدىمكى زامان تىلى پەنلىرى پروفېسسورىنىڭ ئوغلى. بالىلىق دەۋرىدىلا مۇزىكىغا قىزىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئائىلىسى بىلەن ئاۋستىرىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلغان. 1921 - يىلى فلورىيسىيە مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 1934 - يىلى مۇشۇ ئىنىستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 50 - يىللاردىن 60 - يىللارغىچە ئامېرىكىدا مۇزىكىدىن دەرس ئۆتۈپ، خېلى زور تەسىر قوزغىغان. ئەسلى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، باروك ۋە ھازىرقى زامان ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1939 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە شوبېرگ ۋە ۋېبوئېن قاتارلىقلارنىڭ 12 ئاھاڭلىق سىستېمىسىنى قوللىنىشىنى كېڭەيتكەن ھەمدە ئۇنى ئىتالىيىنىڭ يېقىملىق ئاھاڭى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ فاشىست مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرۇلغان <مەھبۇسلار ناخشىسى>، <كېچىدە قېچىش> دېگەن ئەسەرلىرى، فاشىزمنىڭ يىمىرىلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلىنغان <ئازادلىق ناخشىسى> ۋە تانسا مۇزىكىلىرى، ئومۇمخور ۋە زىياپەت مۇزىكىلىرى قاتارلىقلار بار.