Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دالادېر
دائىرە: دۇنيا تارىخى达拉第
dá lá dì
(1884 - 1970) فرانسىيە زۇڭلىسى (1933، 1934، 1938 - 1940)، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. ياش ۋاقتىدا تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيىدە ئىشلىگەن. 1919 - يىلى پارلامېنتقا سايلانغان. 1924 - يىلدىن باشلاپ ئون نەچچە قېتىم كابىنتقا كىرىپ، مۇستەملىكە، جامائەت قۇرۇلۇشى، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيسى قاتارلىق مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنستىرى بولغان. 1934 - يىلى رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولغان. 1935 - يىلى فرانسىيە خەلق سېپىگە قاتناشقان. ئۈچ قېتىم زۇڭلى بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان. گېرمانىيە - ئىتالىيە فاشستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا يول قويغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاتالمىش <ئارىلاشماسلىق> فاڭجېنىنى يۈرگۈزگەن ھەم 1939 - يىلنىڭ بېشىدا فرانكو ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان. 1938 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن <ميۇنخېن كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1939 - يىلى كومپارتىيىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىغان ھەمدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پارلامېنتتىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى سوتقا تاپشۇرۇپ سوراق قىلغۇزغان. 1940 - يىلى گېرمانىيە فرانسىيەنى ئىشغال قىلىۋالغان، شۇ يىلى ۋىش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيە تۈرمىدە ياتقان. 1945 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1946 - 1958 - يىللىرى مىللىي پارلامېنت ئەزاسى بولغان. <ياۋرۇپا مۇداپىئە گورۇھى> ۋە 1954 - يىلدىكى <پارىژ كېلىشىمى> گە قارشى تۇرغان. 1957 - رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1958 - يىلى دې گوللېنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە كەسكىن قارشى تۇرغان، كېيىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.