Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
戴凯巴鲁斯
دۇنيا تارىخى
دېېبالۇس
(تەخمىنەن ؟ - 106) داكىيىلىكلەرنى رەھبىرى (خانى). مىلادى 86 - 90-يىللىرى رىم پادىشاھى دومىتيە داكىيە (بۈگۈنكى رومىنىيە رايونى) گە ئالدى بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ، ئاندىن شەخسەن ئۆزى جازا يۈرۈشى قىلغان. لېكىن داكىيە ئۇنى كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان؛ رىم چېگرىسى خەۋپ ئاستىدا قالغاندا، ئىزا - ئاھانەتكە قالىدىغان سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. سۈل شەرتنامىدە: داكىيىگە ئاشلىق ۋە نەق پل بېرىش ھەمدە رىمدىكى قول سانائەت ئۇستىلىرىنى داكىيىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىش، دەپ بەلگىلەنگەن. پادىشاھ تراجان تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، 101 - 106-يىللىرى داكىيىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. داكىيە شۇنىڭ بىلەن رىمنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلانغان.