Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
代表团之年
دۇنيا تارىخى
ۋەكىللەر ئۆمىكى يىلى
يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 - يىلى (مىلادىيە 630 - 631 - يىللىرى). شۇ يىلى ئىسلام دىنى كۈچلىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلىلەر مەدىنىگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سادىقلىقىنى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن؛ خرىستىئان دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرىمۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنىڭ بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشى ئاساسەن ئورۇندالغان. شۇڭلاشقا تارىخشۇناسلار بۇ يىلنى <ۋەكىللەر ئۆمىكى يىلى> دەپ ئاتىغان.