Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大湖国家经济共同体
دۇنيا تارىخى
چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى
ئافرىقىنىڭ چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. ئەزا دۆلەتلەر تانگانىكا كۆلى ۋە كىۋۇ كۆلى رايونىدىكى بۇرۇندى، راۋاندا ۋە زايىردىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت. 1976-يىلى 9-ئايدا ئۈچ دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى دوستلۇق - ھەمكارلىق شەرتنامىسى ۋە چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى: ئۈچ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. باشلىقلار يىغىنى ئورتاق گەۋدىنىڭ ئالىي ئورگىنىدۇر. 1982-يىلغىچە بەش قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.