Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
达荷美王国
دۇنيا تارىخى
داھومېيە پادىشاھلىقى
ⅩⅤⅡ- ⅩⅨ ئەسىرلەردىكى غەربىي ئافرىقىدىكى فاڭلارنىڭ دۆلىتى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ⅩⅤ ئەسىرلەردە ئاجالار ئاللادادا پادىشاھلىق قۇرغان. كېيىن ھۆكۈمران جەمەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى نزا سەۋەبىدىن ئاللادا، ئابومېي ۋە پورتو - نوۋوغا بۆلۈنۈپ كەتكەنىكەن. 1625-يىلى ئابومېينىڭ پادىشاھى داكو مۇكەممەل مەمۇرىي تۈزۈم ئورنىتىپ، ئەتراپىدا جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، داھومېىيە پادىشاھلىقىنڭ ئاساسىنى ئورناتقان. كېيىن پادىشاھلىقنىڭ زېمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن. 1738-ىلى يورۇنا ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، 1747-يىلى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، يورۇباغا قەرەللىك ھالدا ئولپان تاپشۇرىدىغان بولغان. 1818-يىلى بېقىندىلىق ئورنىدىن قۇتۇلغان. گلېلې تەختتىكى مەزگىلدە (1858 - 1889)، پورتو - نوۋونى قوشۇۋېلىپ، پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1868 - ۋە 1878 - يىللىرى فرانسىيە بىلەن ئىككى تەڭسىز شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. 1890 - يىلى فرانسىيە قوراللىق تاجاۋۇز قىلغاندا، پېخانزىننىڭ رەھبەرلىكىدە، داھومېيە خەلقى تۆت يىل جەڭ قىلغان. 1894-يىلى فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىغا چۈشۈپ قالغان.