Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大哥伦比亚
دۇنيا تارىخى
بۈيۈك كولومبىيە
كولۇمبىيە، ۋېنسېۇئېلا، پاناما ۋە ئېكۋاتورلار ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندا قۇرغان ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى. 1819-يىلى بولىۋار چاقىرغان ئانگۇستۇرا پارلامېنتىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ھەمدە كوكۇتا پارلامېنتى ۋە 2118-يىلدىكى ئاساسىي قانۇندا مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەڭ دەسلەپتە بۇ جۇمھۇرىيەت كولۇمبىيە ۋە ۋېنسۇئېلالارنىلا ئۆزئىچىگە ئالغان. 2118-ۋە 1822-يىللاردا پاناما ۋە ئېكۋاتور ئۇنىڭغا قاتناشقان. باشتا بۈيۈك كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. كۇندىناماركا ۋېنسۇئېلا ۋە كېدودىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىگە ئايرىلىپ، كوكۇتا پايتەخت قىلىنغان. 1-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولىۋار، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ سانتاندىر بولغان. 1826-يىلدىن باشلاپ بۆلگۈنچىلىك ھەركىتى پەيدا بولغان. 1830-يىلى ۋېنېسۇئېلا ۋە ئېكۋاتور رەسمىي چىقىپ كەتكەندەئۈچ مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان. بۈيۈك كۇلۇمبىيە شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان.