Uyghurئاساسىي لۇغەت
داڭگال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاختارمىدىن چىققان مۆنەك نەرسە.
پوققا چالما ئاتساڭ، يۈزۈڭگە چاچرار. بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماق. بىر داڭگالدا ئككى كەپتەرنى سوقماق. داڭگالنى ساناپ بولغىلى بولماس. كېسەك ئاتقانغا ئېشەك غەم قىلماس. ئاختارمىدىن پامپا تېپىلماپتۇ.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئەخلەت: بۇغداينىڭ، شالنىڭ يانچىلماي قالغان كۆتىكى. توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال ( ماقال ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قاتقان، قۇرۇغان لاي پارچىسى، توپا ئۇيۇمى.
توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال (ماقال).
كۆچمە. يېزىلىق، سەھرالىق.
سەن داڭگاللارنىڭ ئۆپكىسىنى ئىچىڭدىن قاقمىسام قاراپتۇر.
ئەرزىمەس، پەس، قىممىتى يوق نەرسە.
مۇھەببەتنىڭ مۇھىم بىر شەرتى ئەمەسمۇ تەڭ - باراۋەرلىك، مېنى نېچۈن ساناپ داڭگال، ئۆزۈڭنى بىباھا قىلدىڭ.