Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
达尔文
دۇنيا تارىخى
دارۋىن
(1) چارلېس دارۋىن (1809 - 1882)، ئەنگلىيىلىك ناتۇرالىست، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ياراتقۇچى، تەدىرىجىي تەرەققىيات بىئولوگىيىسىگە ئاساس سالغۇچى. ئەنگلىيىنىڭ شربۋسبۇرى يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبابەتچىلىك فاكۇلتېتى ۋە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 3118 - 1836 - يىللىرى ناتۇرالىست سالاھىيىتى بىلەن، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ <بېگىل> (<تايغان>) ناملىق پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشقا قاتنىشىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدە بەش يىل سەپەر قىلىپ، ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزغان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گېئولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى بولغان، 1839-يىلى خانلىق ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇ يىلى ئېمما ۋېدگۋود بىلەن توي قىلغان. ئۇزاققىچە لوندوننىڭ يېنىدىكى دوۋن كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئىلمىي تەجرىبە ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ جانلىقلار دۇنياسىغا قارىتا كۆپلىگەن بىۋاسىتە كۆزىتىش ۋە تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ دائىم ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىدىغانلىقىنى، يېڭى تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كونا تۈرلەرنىڭ يوقىلىشى تەبىئەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، بۇنىڭ بىلەن لامارك ئوتتۇرىغا قويغان تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئىلمىي ئاساس سېلىپ بەرگەن. تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە كۆپ خللىقنىڭ ئاساسىي سەۋەبى تەبىئىي تاللىنىش (بۇنىڭ ئامىللىرى ئۆزگىرىش، ئىرسىيەت، ياشاش رىقابىتى) دەپ قارىغان. جانلىقلار تەبىئىي مۇھاىتقا ماسلىشىش ۋە بىر بىرى بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ بارىدۇ، ياشاشقا ماسلىشالىغان ئۆزگىرىش، ئىرسىيەت ئارقىلىق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈچىيىپ بارىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا شاللىنىپ كېتىدۇ. يەنى جانلىقلار رىقابەت ئاقرىلىق تەبىئىي تالىنىپ، لايىقلاشقانلىرى ياشايدۇ، كۈچلۈكلىرى غالىب كېلىپ، ئاجىزلىرى ھالاك بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئانتروپولوگىيەدە قولىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ھايۋانلاردىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگنلىكىنىڭ ئاساسلىرىنى شەرھلەپ، ئىنسانلار قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن مەيدانغا كەلگەن دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيە ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەن. دارۋىن تەلىماتى دۇنيانى خۇدا ياراتقان. ئادەمنى تەڭرى ئاپىرىدە قىلغان، تۈرلەر ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەندەك مىتافىزىلىكىق، دىنىي ئىدېئالىزملىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنسانلارنىڭ بىلىشىدىكى، بولۇپمۇ تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىشتىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ماركس، ئېنگېلس بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەرگەن. ئېنگېلس دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنى ھەم ھۈجەيرە تەلىماتىنى ⅩⅨ ئەسىردىكى تەبىئىي پەندىكى ئۈچ چوڭ كەشپىيات دەپ قارىغان. دەۋر چەكلىمىسى ۋەۋەبىدىن، دارۋىن تەلىماتى ھاياتلىق ۋە تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان، تەبىئىي تالللىنىشنىڭ رولىنى ئادەتتىن تاشقىرى تەكىتلەپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئورگانىك دۇنيا تەرەققىياتىدىكى سەكرەشنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مالتوسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسى نۇقتىئىنەزەرىنى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئېلىپ كېرىپ، بۇنىڭ بىلەن تۈرلەرنىڭ كۈرىشىنى جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل دەپ ھېسابلىغان. دارۋىن ھايات ۋاقتىدىلا جانىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتى جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە كڭ تارقالغان. ئۇنىڭ <تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى> (يەنە بىر خىل تەرجىمىسى <تۈرلەرنىڭ بالشىنىشى> 1859)، <ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆستۈرۈلگەن ھالەتتىكى ئۆزگىرىشى>، <ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە جىنسىي تاللىنىش> (يەنە بىر تەرجىمىسى <ئىنسانلارنىڭ باشلىنىشى ۋە تىپلارنىڭ تاللىنىشى>) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) گېئوگى دارۋىن (1845 - 1912). ئەنگلىيە ئاسترونومى، ماتېماتىكى. چارلېس دارۋىننىڭ ئوغلى. كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسترونومىيە ۋە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگىرىشى ئىلمىي تەتقىقاتىدا بەلگىلىك نەتىجە قازانغان. <دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى>، بەش توملۇق <ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى> دېگەن ئەسىرى بار.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
دارۋېن
ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى، شەھەر ئاھالىسى 43 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەر ئاھالىسى ئىچىدە خەنزۇلار بىلەن جۇڭگولۇق مۇھاجىرلىرى خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. دارۋىن ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم سودا پورتى، ئاتاقلىق ھەربىي بازىسى. بۇ جايدا ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم دېڭىز، قۇرۇقلۇق ھەربىي بازىلىرى، ئاۋسترالىيىدىن ئاسىيا، ياۋروپا قىتئەلىرىگە بارىدىغان مۇھىم ئايرودورمى بار. دارۋىن شەھىرى تۆمۈريول ئارقىلىق جەنۇبتىكى بىردۇم شەھىرى ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. سۇ ئاستى تېلېگراف لىنىيىسى ئارقىلىق ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. دارۋىن پورتى ئارقىلىق ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىن ئېلىنىدىغان كان بايلىقلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە گۆش مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى تەرەققىي قىلغان.
ئۇنىۋېرسال
dá ěr wén
دارۋىن
Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
dá ěr wén
دارۋىنDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
dá ěr wén
دارۋىنDخىمىيە
dá ěr wén
دارۋىنDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
达尔文〈津〉
dá ěr wén
دارۋىنDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
达尔文〈太平洋、澳〉
dá ěr wén
دالۋېن