Uyghurئاساسىي لۇغەت
دادخاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئادالەتپەرۋەر، ئادالەت تەلەپ قىلغۇچى، ئادالەت ئىزدىگۈچى؛ شىكايەت قىلغۇچى، دەۋاگەر:
ئەرز تىڭشىغۇچى:
1. ئىشىكىڭگە كەلدىم بۇ دادخاھ،
كى ئورنۇمدا قويساڭ مۇنى پادىشاھ،
ئا. نىزارى.
2. غەيىن غەۋغا، غۇسسە، غەم كەلسە باشىمغە چارە يوق،
غەم غۇبارىم، جان فەراغىم، دادخاھىم سەنمۇ سەن؟
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەرز قىلغۇچى، ئادالەت ئىستىگۈچى؛ ئادالەت تەلەپ قىلغۇچى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئىشرەتى جەننەت تىلەپ زاھىد چېكەر مىڭ دەردۇ رەنخ، كۆزلەرنى ئازۇردە قىلغان دادىخاھى ئۆزگەدۇر. (گۇمنام)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەرز - داد ئېيتقۇچى، شىكايەت قىلغۇچى.
دادخاھنىڭ دەردىگە دەرمان تېپىلماس ھېچقاچان، دادگاھ ئەھلى ئۆزى دەردنى چۈشەنگەن بولمىسا.
ئەرز - داد ئىشتكۈچى، سودىيە.
ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەر ئىچىدە ئىبراھىم دادخاھمۇ بار ئىدى.