Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大德意志派
دائىرە: دۇنيا تارىخىبۈيۈك نېمىسپەرەسلەر
ⅩⅨ ئەسىردە گىرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئازىيە مەزھىپى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بۇخېر (1817-1875) رودبېرتۇس (1805 - 1875)، ۋۇتتې (1818 - 1876) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. <ئاۋگوسبورگ ئومۇمىي مەلۇماتى> نى مەركەز قىلىپ، ئاۋستىريىدىكى بۇرژئازىيە ۋە جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم سودا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلغان ئاۋسترىيە پادىشاھىنىڭ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىشنى، گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۋېتسارىيىچە قوشما شتاتلار دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ مەزھەپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى ئاز سانلىقلار ئىدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.