Uyghurئاساسىي لۇغەت
چېخوسلوۋاكىيە جۈنتۇەنىنىڭ توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1918-يىلى چېخوسلوۋاكىيە جۈنتۇەنىنىڭ سوۋېت روسىيىسىد كۆتۈرگەن قوراللىق توپىلىڭى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان سابىق ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى قوشۇنىدىكى چېخلار بىلەن سلوۋاكلار روسىيىدە ئىنقىلاب بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەخمىنەن 50 مىڭ ئادىمى بار جۈنتۈەن تەشكىل قىلغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق ئارقىلىق غەربىي ياۋروپاغا قايتماقچى بولغان. 1918-يىلى 3-ئايدنىڭ ئاخىرىدا ئوكرائىنادىن يولغا چىققان، سەپەر ئۈستىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا مۇداخىلىچىلىرى ۋە ئوڭچى سوتسىيال ئىنقىلابچىلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ پېنزا دىن دېڭىز ياقىسى رايونىغىچە بولغان 7000 كىلومېتىر تۆمۈريولنى ىگىلىۋالغان ھەمدە سىبىرىيە، ئورال ۋە ۋولگا دەرياىسنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى كەڭ رايوننى تېزلا ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىن قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغا. قالدۇق قىسىمى كولچاكلار قوشۇنى بىلەن بىرگە يوقىتىلىپ تىرىپىرەن بولغان.