Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىۋىقىغا ئالماسلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچ كۆزگە ئىلماسلىق، پىسەنت قىلماسلىق، پەرۋا قىلماسلىق.
ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى ئوسۇرۇقىغا ئالمايدۇ. ئۇ قىز ئۆزىگە قانات سۆرەپ يۈرگەن يىگىتنى چىۋىقىغىمۇ ئالمايدىكەن. ئېلى يوغانچى نېمە، ئۇنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىمغا ئالمايمەن. ئۇ شۇنداق كۆرەڭكى، ئۇنى ئامما تۈكۈرۈۋەتكەن تۈكۈركىگە ئالمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
پىسەنت قىلماسلىق، كۆزىگە ئىلماسلىق، مەنستمەسلىك: قەمبەرنىسانى ئۆز دامىغا چۈشۈرۈش كويىدا، مەنسۇر بەگنىڭ قىلمىغان ئىشلىرى قالمىدى. قەمبەرنىسامۇ ئۇنى چىۋىقىغا ئالمىدى.