Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چۇئېزون
دۇنيا تارىخى
奎松
kuí sōng
(1878 - 1944) فىلىپپىن <ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى> نىڭ زۇڭتۇڭى. مانىلادىكى سان توماس داشۆسىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. بۇرۇنلا ئامېرىكىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. تاياباس ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1907 - 1909 - يىللىرى فىلىپپىن ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھەمدە خەلق پارتىيىسى پارلامېنتىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1909 - 1916 - يىللىرى فىلىپپىننىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1916 - 1935 - يىللىرى فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1924-يىلى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1934-يىلى ئامېرىكا فىلىپپىننىڭ <ئاپتونومىيە> سىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىككىنچى يىلى <ئاپتونومىيە> سىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىككىنچى يىلى <ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى> نىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، 1941-يىلى يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ياپونىيە فىلىپپىننى ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىللەردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاۋسترىيە ۋە ئامېرىكىدا مۇساپىرلار ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن. كېين ئامېرىكىدا ئۆلگەن. ئۇنڭى <كۆڭۈلدىكىدەك كۈرەش> ناملىق تەرجىمىھالى كىتابى بار.