Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چۇكوتكا يېرىم ئارىلى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر楚科奇半岛
chǔ kē qí bàn dǎo
سوېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شىمالىي چۇكوتكا دېڭىزى، جەنۇبىي برېنگ دېڭىزىنىڭ ئانادېر قولتۇق سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، شەرقىي برېنگ بوغۇزى ئارقىلىق ئالياسكىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يېرىم ئارالنىڭ دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى بەك كېسىلگەن بولۇپ، يەر ئۈستىنىڭ ئېگىز - پەسلىك پەرقى چوڭ، كۆپ قىسمىنى چۇكوتسكى تاغلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، تاغلىقنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1158 مېترغا يېتىدۇ. شىمالى بىلەن دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. ئارالنىڭ شەرقىدىكى دىژنوف تۇمشۇقى ئاسىيا ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ شەرقىي نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا قەلەي، ۋولفرام، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.