Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
触觉
پسىخولوگىيە
تېگىش سەزگۈسى
بۇ جىسمنىڭ مېخانىك ئالاھىدىلىكى تېرە يۈزىگە تەسىر قىلىغاندا پەيدا بولغان سەزگۈ (سېزىم) دىن ئىبارەت بولۇپ، تېرە سەرگۈسىنىڭ بىر خىلى. تېگىش سەزگۈسى كەڭ مەنىلىك، تارمەنىلىك دەپ ئىككى خىلىغا بۆلۈنىدۇ. تار مەنىدىكى تېگىش سەرگۈسى يېنىك تېگىشنى سېزىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تېگىش بېسىم سەزگۈسىگە تەۋە بولۇپ، بېسىم سەزگۈسى بىلەن تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى بىر خىل سەزگۈ. كەڭ مەنىدىكى «تېگىش سەرگۈسى» تېگىش بېسىم سەرگۈسى، سىلاش سەزگۈسى، قىچىشىش ۋە سىلكىنىش (تەۋرىنىش) سەزگۈلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تېگىش سەرگۈسىنىڭ رېتسىپتورى تېگىشنى سېزىش نۇقتىسىدىكى تېگىشنى سېزىش غوندىكى (تەنچە) دىن ئىبارەت. تېگىشنى سېزىش نۇقتىلىرى تېرىگە تەكشى تارقالمىغان، ئۇ بارماق ئۇچى، تىل ۋە يۈزگە بەك جىق جايلاشقان. تېگىش سەزگۈسىنىڭ مەركىزى چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى مەركىزىي ئېرىقچىنىڭ ئارقا تەرەپتىكى پۈرمىسىدە بولۇپ، تېرىدىكى ئورنىنىڭ ماكان مۇناسىۋىتى چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى نۇرلىنىش رايونىغا ماس كېلىدۇ. لېكىن نۇرلىنىش يۈزىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تېرە يۈزىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە باغلىق ئەمەس، بەلكى ھەر قايسى ئورۇندىكى تېگىش سەزگۈسىنىڭ رولىنىڭ قانداقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: بارماقلارنىڭ تېگىش سەزگۈسى ئۆتكۈر بولىدۇ. ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ يۈزى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى نۇرلىنىش رايونىنىڭ ( رادىئاتسىيە رايونىنىڭ) يۈزى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ.
باغۋەنچىلىك
chù jué
سېزىش، سېزىمDئادەم ئاناتومىيىسى
chù jué
تېگىشىش سېزىمىDئىستېتىكا
chù jué
تېگىش سېزىمى، ئۇرۇنۇش سېزىمىDمائارىپ
chù jué
تېگىش سېزىمىDتەنتەربىيە
chù jué
تېگىش سىزىمىDتېببىي
chù jué
تېگىش سېزىمىDئۇنىۋېرسال
chù jué
تېگىش سېزىمى
Dئادەم ئاناتومىيىسى
chù jué
تېگىشىش سېزىمى