Uyghurئاساسىي لۇغەت
چۈچۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بوۋاقلاردا بولىدىغان ئىچ قېتىش، ئىچ كەلمەسلىك كېسىلى.
چۈچۈك بولماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بالىلار سۆزى: چۇچاق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
ئاچچىق بىلەن تاتلىق ئارىلقىدىكى ئارىلاشما تەم. چۈچۈمەل.
چۈچۈك ئاپلسىىن.* چۈچۈك بۇيا.* جاھاننىڭ ئاچچىق _ چۈچۈكنى تېتىغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەم، ئاچچىق بىلەن تاتلىق ئارىلاشقان، ئاچچىق بىلەن تاتلىقنىڭ ئارىلىقىدىكى تاتق.
چۈچۈمەل ئۇسسۇلۇق تاماقنى سىڭدۈرىدۇ. چۈچۈك ئالما يېيىشلىك بولىدۇ. ئاچچىق _ چۈچۈك مېۋە تاتلىق مېۋىدىن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئاچچىق ئەمەس، ئاچچىق بىلەن تاتلىقنىڭ ئارىلىقىدا؛ چۈچۈمەل (تەم ھەققىدە).
چۈچۈك ئالما.
كۆچمە. جەلپ قىلارلىق، يېقىملىق.
تىلى چۈچۈك، چۈچۈك ئاۋاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوۋاق بالىلاردىكى چوڭ تەرەت كەلمەيدىغان كېسەل.
چۈچۈك بولماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزىنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، دورا قىلىشقا بولىدۇ، يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە. ئۇنى تاماكا، جاڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ پۇراقلىق ماتېرىيالى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تەملىك، چۈچۈك. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تەملىك، چۈچۈك؛ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىز.