Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئسىم
پاختا رەختتىن توقۇلغان گۈللۈك رەخت.
چىت كۆڭلەك.
كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ ياقىسى پىت،
كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كىيمى چىت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قاشا، چىتلاق.
باغ قىلساڭ، چىت قىل، مال قىلساڭ، ئىت قىل ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بادام، يۇلغۇن، چىغانلاردىن ياسالغان توسما تام، قۇرۇق.
«قوشام» ئاقسۇ شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس. باغ قىلساڭ چىت قىل، مال قىلساڭ ئىت باق. چىتلاق چىڭ بولسا، ئۇيقۇ چىڭ بولىد. قوشام ياسا، خاتىرجەم ياشا.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
قاشا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چىت.
قومۇش ۋە تىكەندىن قىلىنغان چىت.
1 - 420
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چىت.
ئالا - چىپار گۈللۈك چىن رەختى.
3 - 166
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوردا تېمى، تام، توسما، قورۇق تام، چىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پاختا يىپىدىن توقۇلغان گۈللۈك رەخت.
چىت كۆڭلەك. چىت كۆرپە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىراۋنىڭ كىرمەسلىكى ياكى مەلۇم نەرسىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن تام ئۈستىگە ياكى نەرسىنىڭ ئەتراپىغا ئورنىتىلغان شاخ - شۇمبا، شوخا، تىكەن، قومۇش قاتارلىق نەرسىلەر.
- تامغا چىت قويۇشنى موماي بىلەن ئىككىمىزمۇ تۈگىتەلەيمىز، - دېدى ئۇ.
شۇ نەرسىلەر بىلەن ياسالغان توسۇق.
چىتتىن ئاتلاپ باغقا كىرىش ناھايىتى تەس ئىدى.