Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چېسنۇت
دائىرە: دۇنيا تارىخى切斯纳特
qiē sī nà tè
(1858 - 1932) ئامېرىكىلىق نېگىر يازغۇچى. ئادۋوكات. ئوخىئو شتاتىدىكى ئەركىن نېگىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا مۇنتىزىم تەربىيە الغان، ئۇزۇن مۇددەت مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئاخبارات مۇخبىرى، تېز خاتىرىلىگۈچى بولغان. 1887-يىلى، ئادۋوكات بولغان. ئەسەرلىرىدە ھەرقايسى قاتلاملاردىكى نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى رېئالىزملىق ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلىگەن، جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جەنۇب دېھقانچىلىق خوجىدارلىرى ۋە شىمال كاپىتالىستلىرىنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى نېگىرلانىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرگەن. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن <ۋالىينىڭ قىزى>، <جادۇگەر>، <بىر ئەخمەقنىڭ پىتنە - ئىغۋاسى> دېگەن پوۋېستلار توپلىمى، <پولكوۋنىكنىڭ ئارزۇسى> دېگەن رومانى، <فرېدرىخ دوگراسنىڭ تەرجىمىھالى> دېگەن تەزكىرىسى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.