Uyghurئاساسىي لۇغەت
چېشتىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى سوپى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشىگە بولغان قاراش ئوخشاش ئەمەس. ئادەتتە، سۈرىيىلىك ئەبۇ ئىسھاق (1142 - 1236) ئىراندىكى خۇراساننىڭ چېشتى كەنتىدە قۇرغان، Ⅻ ئەسىردە مۆئىنىددىن ھەسەن چېشتى (1142 - 1236) ھىندىستانغا تارقاتقان، دەپ قارىلىدۇ. بەزى ئۆلىمالار مۇئىنىددىن ھەسەن چېشتى ئۆزى قۇرغان، دەپ قارايدۇ. مۇئىنىددىن ھەسەن چېشتى سىگىستاندا دۇنياغا كەلگەن. ياش چاغلىرىدا سوپىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، سەييارە زاھىد بولۇپ، ئوسمان ھاۋانىنى ئۇستاز تۇتقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە سوپىلارنىڭ نۇرغۇن ۋەكىللىرى، مەسلەن، ئابدۇل قادىر جىلانى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغان. كېيىن ھەر قايسى پىرقىلەرنىڭ ئەقىدىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مۇستەقىل پىرقە قۇرغان. بۇ پىرقە سۇھرەۋەردىيە بىلەن تەشكىلىي مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ، لېكىن، سۇھرەۋەردىنىڭ <ئەۋارىيف ئەل مەئارىف> ناملىق ئەسىرىنى ئاساسىي دەرسلىك قىلدى. مۇئىنىددىن چېشتى 1193 - يىلى دېھلىگە كېلىپ، كېيىن ئاجمېرغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، سوپىزملىق ئەقىدىنى تەشەببۇس قىلدى. مۇرىدلىرى كۈنسايىن كۆپەيدى. ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. قەبرىسى مۇرىدلار تاۋاب قىلىدىغان مۇقەددەس جايغا ئايلاندى. ئۇنىڭ شاگىرتى مەسئۇد (1195 - 1265) ئىجازەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كۆپلەپ شاگىرت توپلىدى ھەمدە ئۇلارنى ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا پائالىيەت قىلىشقا ئەۋەتتى. چېشىتىيە پىرقىسى مەخلۇقاتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى بىرلىكىنى تەكىتلەپ، بۇلارنىڭ ھەممىسنى ئاللا ياراتقان دەپ قارايدۇ. شۇكرى قىلىشنى، ئاددىي - ساددا بولۇشنى، رىيازەت چېكىشنى، يوقسۇلۇققا چىداشنى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىشقا، زوراۋانلىق قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. كۆرۈنۈشتىكى دىنىي ئېتىقادقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. چىن دىلىدىن ھەقىقىي ئېتىقاد قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە ئاللاغا بەزىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن، بەزىدە تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ھەمدۇسانا ئوقۇيدۇ. ئىستىقامەت قىلغاندا جىم ئولتۇرۇپ چوڭقۇر خىيال سۈرىدۇ. باشقىلار بىلەن كۆرۈشمەي 40 كۈن ئىستىقامەتتە ئولتۇرىدۇ. تاماكا، ھاراق، نەشىنى قاتتىق مەنئى قىلىدۇ. تەرەققىيات داۋامىدا بۇ پىرقىدىنمۇ نۇرغۇن تارماقلار پەيدا بولدى. مۇرىدلىرى ھىندىستان ۋە پاكىستانغا تارقالغان.