Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىرىندىخورلۇق
بىئولوگىيە
ئۆلگەن جانلىق ياكى جانسىز ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭدىن ئالغان ئوزۇقلۇق بىلەن ئۆز تېنىنىڭ نورمال ھاياتىنى ساقلايدىغان بىر خىل ياشاش شەكلى. ئومۇمەن چىرىندىنى ئوزۇقلۇق مەنبەسى قىلىدىغان جانلىقلار چىرىندىخور جانلىقلار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كۆپ ساندىكى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ، ئېچىتقۇچى زەمبۇرۇغ، باكتېرىيە، ئاكتىنومىتسېس ۋە ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر چىرىندىخور جانلىقلار ئىشلەپچىقارغان ئېنزىم ۋە زەھەرلىك ماددىلار ھايات ھۈجەيرىنى بۇزىدۇ، شۇڭا ئۇلار مۇۋاپىق شارائىتتا، يەنە قوشۇمچە پارازىتلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكلەردە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپلىگەن پروتومىكرو ئورگانىزملار قوشۇمچە پارازىتلىنىش ۋە چىرىندىخورلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ياشاشقا ئادەتلەنگەن.