Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىراغ يېقىش مۇراسىمى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن كروىيە سۇلالىسىدە دۆلەتنىڭ مۇھىم دىنىي مۇراسىمى. چىراغ يېقىش ئەسلى بۇددا دىنى رىۋايىتىدىكى بۇدساتۋانىڭ تۇغۇلغان كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئىدى. بۇددا دىنى چاۋشيەنگە تارقالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلاھقا نەزىر - چىراغ قىلىش ئادىتى بىلەن بىرلىشىپ، باگۈەنخۇي بىلەن بىللە دۆلەتنىڭ ئىككى مۇھىم مۇراسىمىغا ئايلانغان. سىللا دەۋرىدە تارقالغان. كورىيە تەيزۇ خانى ۋاڭ جيەن (918 - 943 - يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) ئون ماددىلىق كۆرسەتمە چىقىرىپ، چىراغ يېقىپ بۇددىغا چوقۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (ياكى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى) كەيجىڭ (بۈگۈنكى كەيچىڭ) ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ھەممە ئائىلىلەر پانۇس ئېسىپ ۋە شەلپەر تارتىپ، تاڭ ئاتقىچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغان. كيجىڭدا تەنەتنىلىك چىراغ يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوردىدا ۋە يامۇللاردا ئويۇن - تىياتىر قويۇلۇوپ، پۈتۈن شەھەردىكى پۇقرالار تاماشا قىلىشقان. ئۇنىڭ راسخوتلىرىنى مەخسۇس تەسىس قىلىنغان چىراغ يېقىش باش نازىرى، باگۋەنباۋلار تەييارلىغان. كېيىن ئۇ پۇقرالاردىن پۇل يىغىشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن كۇڭزىچىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. بەزىدە ئۈزلۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كورىيە سۇلالىسىدە ئۇزاققىچە داۋام قىلغان