Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چوڭ شەمشاد
بىئولوگىيە
水杉
shuǐshān
شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، غولىنىڭ تۆۋەن قىسمى يوغىنايدۇ، قوۋزىقى يىپسىمان يېرىلىپ تۆكۈلىدۇ، كىچىك شېخى پەيسىمان، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، شېخى ئۇزۇن - قىسقا شاخقا ئايرىلىدۇ، قىسقا شېخى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. يوپۇرمىقى ئىككى قاتار بولۇپ يىپسىمان، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، دۈمبە تەرىپىدە ئىككى تال ئاچ سېرىق ھاۋا تۆشۈكچە بەلبېغى بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىق شارچە گۈلى يوپۇرماق قولتۇقى ياكى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىق شارچە گۈلىنىڭ گۈل شېخى باشاقسىمان ياكى كونۇس شەكلىدىكى باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاتىلىقى كېسىشىپ ئۇدۇل ئۆسىدۇ. ئانىلىق شارچە گۈلىنىڭ قىسقا سېپى بولىدۇ، يوپۇرمىقى بولغان كىچىك شاخنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، تۈگۈن تەڭگىچىسى كېسىشىپ ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ھە بىر تۈگۈن تەڭگىچىسىدە 5 - 9 دانە تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ، شارچە مېۋىسى تۈۋىگە ساڭگىلايدۇ، ئۇرۇق تەڭگىچىسى قالقانسىمان بولىدۇ. ئۇرۇقى يېسسى بولۇپ، ئەتراپىدا تار قانىتى بولىدۇ، ئۇچى ئويمان كېلىدۇ. چوڭ شەمشاد ئاز ئۇچرايدىغان قەدىمىي ئەتىۋارلىق دەرەخ بولۇپ، سىچۇەن، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 750 - 1500 مېتر ئېگىز، كىلىماتى ئىسسىق، ياز پەسلىدە يامغۇر كۆپ ياغىدىغان كىسلاتالىق سېرىق تۇپراقلىق رايونلاردا ياخشى ئۆسىدۇ. ئۇ مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدىن تېپىلىدۇ. ئۇ بىر خىل ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، تېز ئۆسىدىغان دەرەخ. ئۇنىڭ شەكلى كۆركەم بولۇپ باغچىلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ؛ قىرتىشى ئاق، ئۆزەك ماتېرىيالى قارامتۇل قىزىل، ياغىچى يۇمشاق بولۇپ، ئۆي سايمانلىرى ۋە ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,ئۆسۈملۈك
巨杉
jù shān