Uyghurئاساسىي لۇغەت
چولاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قولى يوق ياكى قولىدىن ئايرىلغان.
شۇنداق قىلىپ باي قولىدىن ئايرىلىپ، چولاق بولۇپ قاپتۇ.
قۇيرۇقى يوق، قۇيرۇقى يۇلۇنغان، قۇيرۇقسىز.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۆدۈنىنىڭ قۇيرۇقى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ چولاق بولۇپ قالغانىكەن.
سېپى سۇنغان ياكى كالتە.
بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن بىر يانتاقچى بوۋاي چولاق كەتمەننى ئېلىپ ئۇلارغا سالام قىلىپ ئۆتۈپتۇ.
بىر قىسمى ئۆرۈلگەن ياكى كەمتۈك.
مۇنداق چاغلاردا بىر قەدەم ئالغا سىلجىش، بىر چولاق ئىشغال قىلىش چوڭ غەلىبە ھېسابلىناتتى.