Uyghurئاساسىي لۇغەت
چويلا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشخانا سايمىنى. ئاش - خېمىرنى سۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
«كەپكۈر» تۆمۈردىن ياسىلىدۇ، بېشىدىن تۆشۈك ئېچىلغان بولىدۇ.
«چويلا» سىمدىن ياكى چىۋىقتىن توقۇلىدۇ، بېشى ئاراچ بولىدۇ.
بالىسى بارنىڭ گېلى چويلا، بالىسى يوقنىڭ گېلى كويلا. كەپكۈرنىڭ قازانغا تەگكەن ئاۋازى يېقملىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىنچىكە چىۋىق ياكى سىمدىن ئاراش قويۇپ توقۇلغان، قازاندىن چۆپ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سۈزۈپ ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
سىم چويلا.
ئۇزۇن تۇتقۇچلۇق تور پالاق.
چويلا توپ.
كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ چۆرنىكىنى ماڭغۇزۇپ بېرىدىغان يېرىم ئاي شەكىللىك سايمىنى.