Uyghurئاساسىي لۇغەت
چۆرە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
دېدەك، چاكار قىز.
« چۆرە ئىزورا » تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
نەرسىنىڭ يېقىن ئەتراپى.
ئۆپچۆرە.* كۆلەڭگە دەرەخ چۆرىسىدىن نېرى كەتمەيدۇ ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇل ئايال، قىز قۇل.
فىلىپپىن دېدەك ئېكسپورت قىلىدىكەن. ھازىرغىچە فىلىپپىندىن ھەر يىلى چەتكە 60 مىڭچە دېدەك ئېكسپورت قىلىدىكەن ۋە ئۇنىڭدىن تاشقى پېرېۋوت تاپىدىكەن. چۆرە قىزلارنىڭ ھالىغا ۋاي.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆز ئەركىدىن، ھەق - ھوقۇقىدىن ئايرىلغان، ئەرك - ئىختىيارى باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان.
ھۆر، ئازاد، ئەركىن
ئۆز ھەققى - ھوقۇقىغا ئىگە، ئەرك - ئىختىيارى ئۆز قولىدا بولغان.
جاپا - ئازاب چېكىپ ھۆر بولار، سەدەپتە قامىلىپ دور بولار. كاسىپتىن شاد - خۇرام ھۆر يوق جاھاندا، ھۈنەردىن ياخشىراق دۇر يوق جاھاندا. ئەقىل بىلەن قۇل ئازاد بولار. ئازادقا ئالەم كەڭ. زەنجىرلىنىپ توق يۈرگەندىن، ئاچ يۈرسەڭمۇ ئەركىن بول. قۇلنىڭ ناخشا ئېيتقىنى شادلىقتىن ئەمەس، ئاچلىقتىن. دېدەڭنىڭ دەردى ئىچىدە. چۆرە قىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نۇقتا قىلىنغان جاينىڭ يېقىن تەرەپلىرى؛ ئەتراپى.
ئۇلارنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇشقان كىشىلەر توختىگۈل بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سېتىۋېلىنغان ئايال قۇل؛ چكار قىز، دېدەك.
شاھ ئارمانۇس چۆرىلىرىدىن مەلىكە ھاياتوننۇپۇسنىڭ ئېرى بىلەن قوشۇلغانلغىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلى تىنىپتۇ.