Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چۆل رەيھىنى
ئۇنىۋېرسال,ئۆسۈملۈك
普通百里香
pǔ tōng bǎi lǐ xiāngDباغۋەنچىلىك
百里香
bǎi lǐ xiāngDئۆسۈملۈك
地椒
dì jiāoDتېببىي
چۆل رەيھىنى (كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى چۆل رەيھىنىنىڭ يەر ئۈستى قىسمى )
地椒
dì jiāoDتېببىي
麝香草
shè xiāng cǎoDئورمانچىلىق
百里香
bǎi lǐ xiāngDئۆسۈملۈك
罗勒百里香
luó lè bǎi lǐ xiāngDخىمىيە
百里香
bǎi lǐ xiāngDئۆسۈملۈك
百里香
bǎi lǐ xiāng
ئۇنىۋېرسال
bái lǐ xiāng 〈zhí 〉
白里香〈植〉
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
百里香
bǎi lǐ xiāng
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۆل رەيھىنىگە
ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆتكۈر خۇشخۇي پۇرىقى بولىدۇ؛ غولى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، خالىغان يەرگە يىلتىز تارتىپ كېتىۋېرىدۇ، شاخلىرى
ناھايىتى كۆپ، تۆۋەنكى قىسمى ياغاچلانغان، قىزغۇچ خورما رەڭلىك بولىدۇ؛ گۈل شاخلىرى تىك، تۆت قىرلىق، ئېگىزلىكى 3 ~ 15 سانتىمېتىر
بولۇپ، جىگەررەڭ كېلىدۇ؛ كىچىك يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، تۇخۇم شەكلىدە ياكى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك، قىسقا سېپى بولىدۇ. تۈۋى
قىسمىدا قاتتىق تۈكلىرى بولىدۇ؛ سۆسۈن رەڭلىك كالپۇكسىمان كىچىك گۈللىرى شېخىنىڭ ئۇچىغا توپلىنىپ، ئايلانما كۈنلۈكسىمان گۈل
رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. مېۋىسى كىچىك، قاتتىق مېۋە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە چېچەكلىگەن مەزگىلدە كولىۋېلىپ، سالقىن جايدا
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
تارتىشىپ قېلىشنى يېشىش، يەل ھەيدەش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 6 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چۆل رەيھىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام، كۆكيۆتەل، يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
چۆل رەيھىنىنى ئۇۋۇلاپ، پىلىك ياساپ، كۆيدۈرۈپ ھويلا ئاراملارغا ئىسرىق سالسا، پاشا ئۆلتۈرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چۆل رەيھىنىنى يۇمشاق ئېزىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىپ، يۆتەل توختىتىدۇ.