Uyghurئاساسىي لۇغەت
چۆل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
سۇسز يەر، دەشت.
نەكىم يوللاردا دېڭىز، تاغ ئېرۇر،
گەھى چۆل - بەيابان توفراغ ئېرۇر.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆسۈملۈك، دەل - دەرەخ ئۆسمىگەن، سۇسىز، بىپايان يەر؛ دەشت - باياۋان.
چىلانغا چۆل، ياڭاققا كۆل (ماقال).