Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چۆكۈش رېئاكسىيىسى
بىئولوگىيە
沉淀反应
chéndiànfǎnyìng
پروبېركىدا ئېرىشچان ئانتىگېن (مەسىلەن، قان زەردابى، تۇخۇم ئېقى ۋە باكتېرىيە نەملىگەن سۇيۇقلۇق) بىلەن ماس ھالدىكى ئانتىتېلانى ئالاھىدە بىرىكتۈرۈپ، ئېلېكترولىتنىڭ تەسىرىدە پولىمېرلاشتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان مىكرو چۆكمىگە ئۆتكۈزۈش رېئاكسىيىسى، چۆكۈش رىئاكسىيىسىگە قاتنىشىدىغان ئانتىگېن چۆكۈش مەنبەسى، ئانتىتېلا چۆكتۈرگۈچى ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بۇ رېئاكسىيە يېرىم قاتتىق ئاگار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلسا چۆكۈش بەلبېغى ھاسىل بولىدۇ. چۆكۈش رېئاكسىيىسىنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن بەرپا قىلىنغان ئۇسۇللار ناھايىتى كۆپ، ئىشلىتىلىشى كەڭرەكلىرىدىن ھالقىسىمان چۆكۈش رېئاكسىيىسى، پاختىلىشىپ چۆكۈش رېئاكسىيىىسى، ئاگار دىففۇزىيىلىنىش تەجرىبىسى قاتارلىقلار بار. ھالقىسىمان چۆكمىگە ئۆتۈش رېئاكسىيىسى كۆيدۈرگە كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشقا (Aseoli تەجرىبىسى)، قانۇن دوختۇرلۇقىدا قان ئىزىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش، گۆش كونسېرۋاسىغا ئارىلىشىپ كەتكەن ماددىلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ؛ پاختىلىشىپ چۆكۈش تەجرىبىسى بۇرمىسىمان تەنە كەلتۈرۈپ چىقارغان سېفلىس كېسەللىكى (كان رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ). گە دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئاگار دىففۇزىيىلىنىش رېئاكسىيىسى بىرلەمچى خاراكتېرلىك جىگەر راكىدا a - ھامىلە ئاقسىلىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.