Uyghurئاساسىي لۇغەت
چېنىقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن بەدەننى چىڭىتماق، ئاڭ _ پىكىرنى ئۆستۈرمەك.
ياشلىقىدا چېنىققان قېرىغاندا چىداشلىق بولار. تۆمۈر تاۋلاشتىن، ئات مىنىشتىن. تاۋلا يۇمران تېنىڭنى، ئۆگىنىپ ھەربىي ھۈنەرنى. ئاپتاپ يەرنى تاۋلايدۇ، جاپا ئەرنى تاۋلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىش، ئەمگەك ياكى جىسمانىي تەربىيە ئورگانىزمنىڭ ھەرقانداق ئېغىر شارائىت، ئاغرىق - سىلاق قاتارلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرماق؛ تاۋلانماق، پىشماق.
ئوينىساڭ قېنىپ - قېنىپ، ساپ ھاۋادا كەڭ تىنىپ، چېنىقىدۇ بەدەنمۇ، ئالقىشلايدۇ ۋەتەنمۇ.
كۆچمە. ئەمەلىي خىزمەت، تەجرىبە جەريانىدا يېتىلمەك؛ تاۋلانماق، تەربىيىلەنمەك.
ئۇ 20 نەچچە يىللىق ئەمەلىي خىزمەتتە ئوبدانلا چېنىقىپ، مۇھىم، كېرەكلىك ئادەمگە ئايلانغانىدى.