Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىنپۈتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست ۋە ھەق دەپ بىلمەك
پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن. ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ. تۇرمۇشتا ئۆزۈڭنىڭ غالىب ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىشىڭ لازىم. ياخشىلىقنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئىنان. ئەخمەقنى <ئۆلدى> دېسە، چىنپۈت، ئەخمەقلىقتىن قالدى دېسە چىنپۈتمە. ئۆتكەنگە كۆزى يەتكەننىڭ كېلەچەككىمۇ كۆزى يېتەر. بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كۆزۈم يېتىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
راستلىقىغا قايىل بولماق، ھەقلىقنى ئېتىراپ قىلماق.
شەكلەنمەك، شۈبھىلەنمەك، گۇمانلانماق
راستلىقىغا قايىل بولماي، ئىككىلەنمەك، ھەقلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئارىسالدى بولماق.
كالۋا ئۆزگىگە ئىشىنىدۇ، ھۈنەرۋەن ئۆزىگە. ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماس. يىراقتىكىگە ئىشىنىپ، يېقىندىكىدىن شۈبھىلىنىپتۇ. دۈشمىنىڭ سوۋغات بەرسە گۇمانلان. كۆپچىلىكنىڭ سۆزىگە چىنپۈت، شەكلەنمە. كەشىمنى ئالغىنى بىر كىشى، گۇمانلانغىنىم مىڭ كىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چىن + پۈتمەك
پىئېل
ئىشەنمەك.
مەن ئىمتىھاندا ئاق قەغەز تاپشۇرغانلارنى ئوقۇشقا ئاپتۇ دېگەن گەپكە چىنپۈتمەيتتىم.