Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىمېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى قادىرىيەگە مەنسۇپ سۈلۈكلەرنىڭ بىرى. بۇ سۈلۈكنى نىڭشا ئۆلكىسىنىڭ گۇيۈەن ناھىيىسىدىكى دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان خۇيزۇ ما دېمىن (؟ - 1950) قۇرغان، سۈلۈكنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ھۈسەين ئىسىملىك دائى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئېيتىلىدۇ، لېكىن، بۇ سۈلۈكنى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى ما دېمىن شەكىللەندۈرگەن. ما دېمىندىن بۇرۇنقى نەچچە ئەۋلاد چوڭلار ئادەتتىكى ئىستىقامەتچى بولۇپ ئۆتكەن. بۇرۇنقى ئەجدادلارنىڭ دىننى تەبلىغ قىلىدىغان مۇقىم رايونى ۋە چوڭراق تەسىر كۆرسىتىدىغان گۈمبىزى بولمىغان. 1928 - يىلى ما دېمىن دننى تەبلىغ قىلىش مەركىزىنى تۇڭشىندىكى شىشاڭلىندىن گۇيۈەندىكى لياڭجاباۋغا يۆتكىگەن. بۇ زات پائال تەشۋىق قىلغانلىقى ۋە مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەنلىكى، جەمئىيەتتە مەلۇم ئىناۋەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، چىمېن سۈلۈكىنى شۇ يەرلىك مۇسۇلمانلار ئېتىراپ قىلدى. 1950 - يىلى مادېمىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن سۈلۈكتىكىلەر ھوقۇق تالىشىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر تەرەپ لياڭجاباۋنى دىنىي تەبلىغات مەركىزى قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپ خۇيشەننى پائالىيەت مەركىزى قىلدى. چىمېن سۈلۈكى ئەقىدە ۋە قائىدە - يوسۇندا <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى ئېتىقاد ئاساسى قىلغاندىن باشقا، بىرىنچىدىن، <ئائىلىدە ئىستىقامەت قىلىش> نى تەشەببۇس قىلىپ رىيازەت چېكىشتەك دىنىي ئەمەللىرىنى يولغا قويمىدى. ئىككىنچىدىن، خېجۇدىكى چى جەمەتى، خۇزىخېدىكى ياڭ جەمەتى ۋە جيۇسەيپىڭدىكى ياڭ جەمەتى بىلەن بىۋاستە ئىجازە مۇناسىۋىتىدە بولمىدى. ئۆزىنى <چوڭ قادىرىيە>، باشقىلارنى <كىچىك قادىرىيە> دېدى. ئۈچىنچىدىن، ياشانغانلارنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىگە ئەھمىيەت بەردى. شۇ كۈنلەرنى مال زەبىھ قىلىپ، قۇرئات تىلاۋەت قىلىپ خاتىرىلىدى. تۆتىنچىدىن، بەش پەرزگىمۇ ئەھمىيەت بەردى. بۇ سۈلۈكنىڭ گۇيۈەن ناھىيىسىدىكى چىيىڭخۇيشەن، لياڭجاباۋ، تۇڭشىن، شىشاڭمېن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.