Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىمەن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئوت - چۆپ، گۈل - گىياھدىن ئىبارەت يېشىللىق.
ئۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى باغنىڭ ئىچىگە ئېلىپ، ھېچكىمگە كۆرۈنمەي چىمەنلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، مۆكۈپ ئولتۇردى.
ئى. يېشىللىق ياكى گۈل - گىياھلار بىلەن قاپلانغان، دەل - دەرەخ ۋە گۈل - چېچەكلەر كۆپ ئۆسكەن جاي؛ گۈلزار، گۈلشەن.
بۇلبۇل چىمەننى سۆيەر، ئادەم ۋەتەننى سۆيەر (ماقال).
سۈپ. يېشىللىق ياكى گۈل - گىياھلار بىلەن قاپلانغان.
چىمەن باغ. چىمەن قىرغاقلار.
قىزلارنىڭ ئىسمى.
كۇچا ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
چىمەنگۈل
چىمەندىكى بىر تال گۈل؛ گۈللۈك