Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چېلىيابىنسكى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر车里雅宾斯克
chē lǐ yǎ bīn sī kè
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارال رايونىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ ئېغىر سانائەت مەركىزى، چېليابىنسكى ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي شەھىرى. بۇ شەھەر ئارال تاغلىرىنىڭ شەرقىي بىر مىليون 96 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). 1736 - يىلى بۇ جايدا مۇھىم بىر قەلئە قۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى سىبىرىيىگە ئۆتىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ ھەم ئاشلىق سودا مەركىزىگە ئايلانغان. شەھەرنىڭ سانائىتى، قاتناش - ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان، شەھەردىن ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە بارىدىغان تۆمۈريول، تاشيوللار، تيومىندىن باشلانغان گاز تۇرۇبىلىرى بار. سانائىتىدە پولات - تۆمۈر (يىلىغا 6 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئوشۇق پولات ئىشلەپچىقىرىدۇ)، سېنك تاۋلاش، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئورۇن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم پولات - تۆمۈر سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.