Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىڭجېنجاۋ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودا خەنزۇچىنى قوللىنىدىغان مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنى <چىڭجېنجاۋ> (清真教) دەپ ئاتىغان. بۇ سۆز مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئومۇملاشقان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسلام دىنى خەنزۇچە مۇقىم نام بىلەن ئاتالمىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسلام دىنى خەنزۇچە مۇقىم نام بىلەن ئاتالمىغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ يەنيۇ يىللىرى (1314 - 1320) خاڭجۇدا مەسچىت سېلىنىپ، بۇ مەسچىت <جېنجاۋسى> دەپ ئاتالغان (1341 - 1368 - يىللىرى). ۋۇجەننىڭ <مەسچىتنى رېمونت قىلىش ئابىدىسى> دە <چىڭجىڭ> (清净) دەپ ئاتالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە <چىڭجىڭجاۋ> غا ئۆزگەرتىلگەن. خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدىغان مىللەتلەردە بۇ سۆزنى ئىشلىتىش دائىرىسى مەسچىت، مەدرىسە، مەكتەپ، ئاشخانىلارغىچە كېڭەيگەن. لېكىن، ئىسلام دىنىنى شۇنداق دەپ ئاتاش ئازايغان.