Uyghurئاساسىي لۇغەت
چى جىڭيى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1658 - 1719)چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا جۇڭگودىكى ئىسلام قەدىمىيە مەزھىپىدىكى چوڭ گۈمبەز بېيمىڭ سۈلۈكىنى قۇرغان ئادەم. خېجۇ (ھازىرقى لىڭشا) لىق، خۇيزۇ. كىچىكىدە ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، مومىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. يەتتە يېشىدىن باشلاپ دىن ئوقۇغان. 16 يېشىدا مازۇڭشىڭ بىلەن شىنىڭغا بېرىپ ئاپاق خوجىنىڭ قولىدا ئوقۇدى. 17 يېشىدا خېجۇدا ئابدۇ دۇڭراشنى ئۇستاز تۇتۇپ، قادىرىيە ئەقىدىسىنى ئۆگىنىپ، جاھاندارچىلىقتىن ئۆزىنى چەتكەن ئېلىپ، خېجۇدىكى ياڭ توجا، شەنشىدىكى شىشاڭ قاتارلىق جايلاردا توققۇز يىل ئىستىقامەت قىلدى. ئابدۇ دۇڭراش ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇستازىغا ۋارىسلىق قىلىپ، لاڭجۇڭ، شىشاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ - كېلىپ، قەدىمىيە ئەقىدىسىنى تەرغىپ قىلىپ، مۇرىد قوبۇل قىلدى. شىشاڭدىكى لۇلىڭسى مەسچىتىدە ئالدەمدىن ئۆتتى. خېجۇ ياڭ توجادىكى مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى ئىككىنچى يىلى خېجۇدىكى بافاڭنىڭ شەرقىغە (چوڭ گۈمبەزنىڭ شىمالىغا) يۆتكەپ كەتتى.