Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىيۇ توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ ياماگۇچى ناھىيىسىدىكى كونا ناگاسۇ ۋاسسالى فۇدىرا جەمەتىنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق توپىلىڭى. مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ۋە لەشكىرىي پىرقىنىڭ يانداش ئامبىلى بولغان نائېخار (1834 - 1876) كىتوكوئىن بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن، ئەمەلدارلىقتىن ئىستېپا بېرىپ، خاگى شەھىرىگە بېرىپ تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. ئۇ كۇماموتودىكى كامائىكازې توپىلىڭى ۋە فۇكۇئوكادىكى كۈز پەسلى توپىلىڭىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 1876-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى خاگى شەھىرىدە 150 رىتسارغا باشچىلىق قىلىپ توپىلاڭ كۆتۈرگەن. كۆپچىلىككە تەڭ كېلەلمەي، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى خروسىمانىڭ باسقاق بېگى ئەۋەتكەن ئەسكەرلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، نائېخارا باشلىق سەككىز كىشى ئۆلتۈرۈگەن، 64 كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.