Uyghurئاساسىي لۇغەت
چېگرا رايون ئىلمىي ئېقىمى
دۇنيا تارىخى
ھازىرقى زامان بۇرژئۇا تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس تۇرنېر 1893-يىلى <چېگرا رايونلارنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتى> دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، مۇشۇ تەلىماتنى تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن نەزەرىيىچىلەر ماقالە يېزىپ قايتا - قايتا شەرھلەپ، ئامېرىكا تارىخىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر خىل يېڭى تەلىماتنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى مۇنداق: (1) ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ غەربىدە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بىر چېگرا بولۇپ، ئامېرىكا تارىخى ناھايىتى زور دەرىجىدە، كەڭ غەربكە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش تارىخى ھېسابلىنىدۇ. (2) ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئىگىسىز يەرلەر ئامېرىكا ئاھالىلىرى تەرىپىدىن خالىغانچە ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنى <ھاياتلىق يولى> بىلەن تەمىن ئەتتى. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھال - ئەھۋالىغا قانائەت قىلماي، خالىغانچە غەربكە كېڭىيىپ، جەمئىيەتنى ھەمىشە تۇراقسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئەركىن رىقابەت ئارقىلىق <گۈللىنىش> كە يەتتى. (3) غەربكە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بۇنداق چېگرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئامېرىكا مىللەتلىرىنىڭ خۇسىيىتىنى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل، ئامېرىكىنىڭ غەربىي ياۋروپا ئەللىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى. بۇ نەزەرىيە <ئامېرىكا مۇستەسنا نەزەرىيىسى> نىڭ تارىخ ساھەسىدىكى ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.